ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

10-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان.

روېتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس باۋكۇس ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاساسلىقى، قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ تۇرۇپ «بۇ كىشىلەر دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى دۆلەت ھەمكارلىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەردۇ» دېگەن.

گېرمانىيە ئەلچىلىكىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا «ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەر» گە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتايدا جىددىي مەسىلە يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

كانادا باش ئەلچىسى سەنت جاكۇۋس باياناتىدا، خىتايدا تىنچ يول بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلەرنى تۈرمىگە قاماش ۋە ھەتتا چەتئەللەردىكى تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ئۆز دوكلاتلىرىدا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن مەملىكەت مىقياسى بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت