خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى خەتەرلىك ھالدا ئۆرلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مىقياسى بويىچە يەنە 50 كە يېقىن شەھەردە ھاۋادىكى ئېغىر بۇلغىنىش تۈپەيلى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن ئېتىبارەن بېيجىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى يەنە خەتەرلىك ھالدا يۇقىرىلاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھىرى قايتىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. خېبىي ئۆلكىسىمۇ سەيشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىملىق قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى سەيشەنبە كۈنى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بولۇپ، ھەربىر كۇبمېتىردىكى زەھەرلىك زەررىچە مىقدارى 596 مىكروگرامغا يەتكەن. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن ھاۋا بۇلغىنىش ئۆلچىمىدىن 22 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لى يۈنتىڭ ئىسىملىك مۇھىت مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ «بۇ ئېغىر ئىس-تۈتەكنىڭ سەۋەبىنى ھاۋادىكى نەملىكنىڭ يۇقىرى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئىللىق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتكەن.

دەرۋەقە، ھاۋا بۇلغىنىشى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يېقىندا گېرمانىيەدىكى ماكس-پلانىك ئىنستىتۇتى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ھەر يىلى 1 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت