بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى: «ژۇرنالىست مېگا راجاگوپالاننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدۇق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست مېگا راجاپوگالانغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېگا راجاگوپالان ئامېرىكىدىكى «بازفىد» ناملىق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ خىتايدا تۇرغان 6 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ۋە ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە، خەۋەرلەرنى يازغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن «ئامېرىكا چەتئەللىك ۋە خىتايلىق مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ،» دېگەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باياناتىدا يەنە مۇخبىرلارنىڭ «ۋىزا رەسمىيىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر دەپ قارالغان بەزى رايونلارغا زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى ۋە بەزى ئەھۋاللاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراشتەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ژۇرنالىست مېگانىڭ ۋىزىسىنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە، خەۋەرلىرىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ خىتايدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

لۇ كاڭ يەنە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنى تەنقىدلەپ: «خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ‹ۋېنا ئەھدىنامىسى› غا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە بولمىغان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك،» دېگەن. لۇ كاڭ مېگا راجاگوپالاننىڭ ۋىزىسىنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇنى «ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسىتىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت