چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتاي مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ سولىغان دۆلەت

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2017‏-يىلى خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ سولىغان دۆلەت تىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل دۇنيا مىقياسىدا 65 نەپەر مۇخبىر ۋە ئاخبارات خىزمەتچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. 326 نەپەر مۇخبىر تۈرمىگە سولانغان. لېكىن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا، بۇ يىل خىتاينىڭ دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ سولىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بايان قىلىشىچە، 2017‏-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىر ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن ئازايغان بولسىمۇ، بىراق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايال مۇخبىرلارنىڭ سانى ئارتقان. دوكلاتتا، 2017‏-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىر ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئاز دېگەندە 50 نەپىرىنىڭ كەسپىي مۇخبىر ئىكەنلىكى، 7 نەپىرى ئىختىيارى مۇخبىر، 8 نەپىرىنىڭ ياردەمچى ئاخبارات خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل يېقىنقى 14 يىلدىن بېرى مۇخبىرلار ئەڭ ئاز ئۆلتۈرۈلگەن بىر يىل ئىكەن. دوكلاتتا، مۇخبىر ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن ئازىيىشىدا ئۇلارنىڭ خەتەرلىك رايونلارغا بېرىشى ئازىيىۋاتقانلىقى ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا بايان قىلىشىچە، 2017‏-يىلى دۇنيا مىقياسىدا تۈرمىگە سولانغان 326 نەپەر مۇخبىرنىڭ 52 نەپىرى خىتايدا بولۇپ، ئۇ دۇنيادا مۇخبىرلارنى تۈرمىگە ئەڭ كۆپ سولىغان دۆلەت ئىكەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تۇتقۇنلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى زەئىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا: «ھۆكۈمەت ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغان بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىۋاتىدۇ»دېگەن. بۇ يىل تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو بىلەن خىتاي ئۆكتىچى ياڭ توڭيەن راك كېسىلىگە گرىپدار بولۇپ ئۆلگەن. دائىرىلەر ليۇ شاۋبونىڭ راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاندا ئاندىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت