ئەنياڭ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خېنەن ئەنياڭ شەھىرىدە 27-يانۋار كۈنى 400 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ، كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنىڭ داۋامى توقۇنۇشقا ئايلانغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ساقچىلار نامايىش باشلامچىسىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىشچىلاردىن بىرقانچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.

نامايىشتىن خەۋىرى بار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنياڭ شەھىرىدە «لۇڭيۈې يېڭى ئەسىر سودا مەركىزى بىناسىن» قۇرۇلۇشىدا ئىشلىگەن 2000 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنغان. ئىشچىلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ئىش ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىشچىلار كوچا ئايلىنىپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى قىلغان.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ساقچىلار كۈچ ئىشلىتىپ، نامايىشچىلارنى زورلۇق بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، نامايىشنىڭ داۋامى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، بىر نەپەر ئىشچى ئېغىر يارىلانغان، 3 نەپىرى يېنىك يارىلانغان. نامايىش باشلامچىلىرىدىن بىرەيلەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت