شېنجېن ۋە فۇجۇ شەھەرلىرىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

16-، 17-مارت كۈنلىرى خىتاينىڭ شېنجېن ۋە فۇجۇ شەھەرلىرىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىدى.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 16-، 17-مارت كۈنلىرى شېنجېن ياجۈن كۆزەينەك زاۋۇتىدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. ئوخشاش كۈنلەردە يەنە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە دورا زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق قىلغان 1000 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلىپ، دورا زاۋۇتى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن شەھەر مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردا، خىتايدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتى بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار بىلەن زاۋۇت خوجايىنلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيدى. تېرىلغۇ يەرلەر شىركەت ۋە زاۋۇتلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ، زاۋۇتلار چىقارغان زەھەرلىك گاز ۋە كېرەكسىز سۇ خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇردى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇلغىنىۋاتقان مۇھىتقا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت