گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ساقچىلار ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان ئىشچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەيشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھىرىدىكى بىر زاۋۇت ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. ساقچىلار نامايىشنى قوپاللىق بىلەن تارقىتىپ، يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭشەن شەھىرىدىكى زېڭ خىڭ ئوراپ-قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ 200 نەپەر ئىشچىسى مائاش ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلاپ، نامايىش قىلغان. ئۇلار نامايىشنى تىنچ يوسۇندا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىشچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تاياق يەپ يارىلانغان ئىشچىلاردىن ئىككى نەپىرى ھېلىھەم دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن. ساقچىلار شۇ كۈنى 26 نەپەر كىشىنى قولغا ئالغان. ئۇلاردىن 4 نەپىرى ھېلىھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە 15 كۈنلۈك مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن. بۈگۈن، يۈزدەك ئىشچى يەنە نامايىش قىلىپ، قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ۋەقە خىتايدىكى تور بەتلەردىمۇ ئىنكاس قوزغىغان. بىر تورداش ئىنكاسىدا، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بۇ كاپىتالىستلىرى ھەممىسى ئىشچىلارنىڭ قاتىللىرىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت