خىتايدا پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامايىش قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىشچى ھەربىيلەر مەخسۇس قۇرغان تور سەھىپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىڭغا يېقىن كونا ئەسكەرنىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال مەركىزى ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەرز ئىشخانىسى ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يېشى 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇ كونا ھەربىيلەر 1969-يىلىدىكى سوۋېت-خىتاي چېگرا ئۇرۇشى، 1979-يىلىدىكى ۋىيېتنام ئۇرۇشى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقانلار ئىكەن. خىتايدىكى ئاتوم سىناقلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان 47 قېتىملىق ئاتوم سىنىقى تەكلىماكان ئەتراپىدا ياشايدىغان ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان بىلەن تەڭ رايونىننىڭ ئېكولوگىيىسىنى بۇلغىغان ئىدى. ئۇنىڭدا مەزكۇر سىناققا قاتناشقان خىتاي ھەربىيلەرنىڭمۇ زىيان كۆرگەنلىكى مەلۇم.

بۇ ھەربىيلەر بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ، نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نەتىجە ئالالمىغان. بۈگۈن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ نامايىش ھەققىدىكى سوئالىغا بۇنداق بىر نامايىشتىن خەۋىرىم يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىدىكى تور بەتتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا بەزى نامايىشچى ھەربىيلەرنى قولغا ئېلىپ، قاماق جازاسى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ «مانا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىيلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادالىتى ئۈستىدىكى بىر قارا داغ»دەپ يېزىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت