خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە 50 مىڭ كىشى نامايىش قىلىپ PX قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

26-ئىيۇن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە 50 مىڭ كىشى نامايىش قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان PX قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، شاڭخەينىڭ جىڭشەن رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى بەش كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، جۈمە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ جىڭشەن رايونىدا قۇرماقچى بولغان، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان PX خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلغان ئاھالىلەر سانى 50 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار شاڭخەي پۇقرالىرىدىن بىرىنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەش كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا جاۋاب بەرمەسلىكى، جۈمە كۈندىكى نارازىلىق نامايىشىغا 50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر پۇقراسىنىڭ قاتنىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت