خىتاينىڭ گۇيجۇ، جياڭشى، فۇجيەن ئۆلكىلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت 20-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا خىتاينىڭ بىرقانچە ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن مولىخۇا تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خېۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى گۇيجۇ، جياڭشى، فۇجيەن، سەنشى، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە نەچچە يۈزلىگەن ئاممىنىڭ توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىلىشلار يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ۋە تونۇنۇش يۈز بېرىپ يارىلىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا نامايىش باشلامچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۇيياڭدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەر ئىگىلىشىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىغا قاتناشقان نەچچە يۈزلىگەن پۇقرالار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن 100 نەچچە ساقچى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراپ 16 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. فۇ جيەننىڭ شيامېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 300 كىشى لوزۇنكا كۆتۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا 6 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆي شىركەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا لازا سۈيى چېچىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن ۋە باشلامچىلارنى قولغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت