جېجياڭنىڭ ۋېنلىڭ شەھىرىدە بىر تۈركۈم دوختۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنلىڭ شەھىرىدە بۈگۈن بىر تۈركۈم دوختۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا ئالدىغا توپلانغان يۈزلەرچە دوختۇر، ھۆكۈمەت ۋە دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ دوختۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نامايىشقا، جۈمە كۈنى بىر بىمارنىڭ 3 نەپەر دوختۇرنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈشى سەۋەب بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا داۋالانغان بىر بىمار ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن سالامەتلىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان؛ ئۇ دوختۇرخانىغا قايتا بارغىنىدا دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان. نەتىجىدە، بىمار مەزكۇر ۋەقەنى پەيدا قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەھىيە مۇتەخەسسىسى ليۇ جىتوڭ، خىتاينىڭ سەھىيە سىستېمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سەھىيە سىستېمىسىدا ئىنسانىي ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تەرىپىدىن كۆپرەك، تىجارىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «داۋالاشتا پۇل ئاساسىي مەقسەت بولغاچقا، بىمارلار دوختۇرلارغا ئىشەنمەيدۇ»دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بىمارلارنىڭ دوختۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشى مۇشۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 3-قېتىم يۈز بېرىشىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت