سىچۈەندە خىتاي ساقچىلار تىبەت نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق غەربىي سىچۈەن رايونىدا ساقچىلار بىلەن تىبەتلىك نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ساقچىلار تىبەت نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان.

لوندوننى بازا قىلغان ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى، ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ساقچىلارنىڭ شۇ يەردىكى بىر ساقچىخانا ئالدىغا توپلانغان تىبەت نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ، بىر تىبەت راھىبنىڭ قولى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مەزكۇر تەشكىلات ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان.

لېكىن بۇ ۋەقە يېقىندىن بۇيان تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان مەزگىلدە يۈز بەردى. تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە سىچۈەندىكى تىبەتلەر رايونىدا 3 تىبەتلىك راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىبەت دىنىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ تېزرەك تىبەتكە قايتىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت