خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر يېڭى مەلۇماتلار دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مەتتىۋ روبېرتسون باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق ھالدا خىتايدىكى ئورگان ئىئانە قىلغۇچىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردا ساختىلىق ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئۆزلىرىنىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن مەجبۇرىي ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ساختىلىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىسپاتلار بار ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا ئىنائە قىلغۇچىلارغا ۋە شۇنداقلا يۆتكەپ كۆچۈرۈلگەن ئەزالارغا ئائىت تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار بىر-بىرى بىلەن خۇددى ماتىماتىكا فورمۇلاسىغا ئوخشاش زىچ جىپسىلىشىدىغان بولۇپ، بۇ كۈچلۈك گۇمان قوزغايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئادەتتە مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن.

«مېدىتسىنا ئەخلاقى ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات نەتىجىىسدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يۆتكەش ساھەسى قاراڭغۇ بىر ساھە بولۇپ، ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئىنتايىن قېيىن ئىكەن. بىراق بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىي ئەزا يۆتكەۋاتقانلىقى ۋە بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا سانلىق مەلۇمات ياساۋاتقانلىقى ئىكەن. 

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىق مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتايدا يىلىغا ئاز دېگەندە 60 مىڭ ئىچكىي ئەزا يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنچە كۆپ ئەزانىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى زور دىققەت قوزغايدىكەن. 

ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل ئورگان 24‏-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي ئەزا يۆتكەش قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت