گۇاڭشىدا قەبرىستانلىقنى بۇزۇشقا نارازى بولغان جۇاڭ مىللىتى دېھقانلىرى بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىنىڭ لۇچۈەن ناھىيىسىدە، قەبرىستانلىقنى بۇزۇشقا قارشى تۇرغان جۇاڭ مىللىتى دېھقانلىرى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا كەلگەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ 10 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

رادىئويىمىزنىڭ 25-ئاپرېل جۈمە كۈنى ئىگىلىشىچە، لۇچۈەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل ئەتىيازدا ۋېنچۈەن بازىرىدىكى جۇاڭ مىللىتىنىڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىقىنىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭ ئورنىغا سودا مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان دېھقانلار 23-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالاھىدە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. نەتىجىدە نامايىشنىڭ داۋامى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، جۇاڭ مىللىتى دېھقانلىرىدىن 10 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يەر ئىگىلەش ئىشى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى زاراتگاھلىقلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، بۇ جايلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىۋېتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 2013-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە شىخەنزە شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار زاراتگاھلىقىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت