ۋۇخەندە بايقالغان سارس تىپىدىكى گۇمانلىق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى پۈتۈن خىتايغا تارقالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان سارس تىپىدىكى گۇمانلىق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن خىتايغا تارقىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي سەھىيە ۋە سالامەتلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 136 يېڭى كېسەللىك بايقالغان. خەۋەرلەردە بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋىرۇستا ئۆلگەنلەر ۋۇخەننىڭ ئۆزىدىلا 3 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۆلگەن. سەھىيە ۋە سالامەتلىك كومىتېتى 20‏-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا نۆۋەتتە ۋۇخەن شەھىرىدە جەمئىي 198 كىشى بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى، ئۇلاردىن 170 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

BBC نىڭ 18‏-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار 1700 گە يېتىپ بارغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇس بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغان. ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭدا بايقىلىشى جەمئىيەتتە قاتتىق پاتىپاراقچىلىق پەيدا قىلغان.

2003‏-يىلى تارقالغان سارس كېسىلى دەل گۇاڭدۇڭدىن باشلانغان ئىدى. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭدىكى بەزى دوختۇرخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ دەم ئېلىشىنى بىكار قىلغان. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بايقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق. پەقەت بەزى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 20‏-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ماناس ناھىيەسىدىكى لەنجوۋەن يېزىسىنىڭ تەبىئىي قوغداش رايونىدىكى ياۋا ئاققۇلاردا قۇش زۇكامى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا ۋىرۇس بايقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. چۈنكى ئۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان بۇ رايونغا تېخىمۇ مەركەزلىشىپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت