سىچۈەندە دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 18-يانۋار دۈشەنبە كۈنى چېڭدۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تۆلەم پۇلىغا نارازى بولۇپ نامايىش قىلغان 2000 دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن، ئۇلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 10 نەچچە دېھقان يارىلانغان.

نەق مەيداندىن رادىئومىزغا ئەھۋالنى بايان قىلغان سىچۈەنلىك جاڭ فامىلىلىك دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18-يانۋار دۈشەنبە ئەتىگەن تەخمىنەن 2000 دەك دېھقان قۇرۇلۇش ئورنىغا بېسىپ كېلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغىنىدا، دائىرىلەر 1000 دىن ئارتۇق ساقچىنى ئەۋەتىپ قىزىلمۇچ سۈيى چېچىش ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە زورلىغان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. رادىئومىز يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ ئىشنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغان جاڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېڭدۇ شەھەر ئەتراپىدىكى چاڭلۇڭ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى 2007-يىلدىن باشلاپ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىنىپ، رايوندا سودا بازىرى قۇرۇش پىلانلانغان. ئەسلى بەلگىلىمىدە ئادەم بېشىغا 120 مىڭ سوم تۆلەم بېرىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارغا ئادەم بېشىغا 20 مىڭ سوم تۆلەم بېرىلىشى دېھقانلارنى نارازى قىلغان. 9 يىلدىن بۇيان دېھقانلار يەرگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلنىڭ ئازلىقىغا نارازى بولۇپ، كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلار رازى بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت