خىتايدا قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخباراتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بىر خەلق بانكىسىدا قوراللىق ئېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى خىزمەتچى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىرنەچچە كىشى يارىلاندۇرۇلغان.

لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان «لياۋشەن كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇماندارىنىڭ فامىلىسى لىيۇ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ باشلىقى بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە جېدىلى سەۋەبلىك ئۇنى ئاتقان.

گۇماندار ئىشلەتكەن بىر قارا مىلتىق بولۇپ، ئۇ باشتا بانكا پرېزىدېنتىنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنى ئاتقاندىن كېيىن، قورالنى باشقىلارغا قاراتقان. نەتىجىدە ئىككى ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم يارىلانغان، گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

خىتايدا بۇ خىلدىكى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار پىچاق ۋە قىڭراقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مىلتىق ئىشلىتىش ھادىسىلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى.

2008-يىلى ياڭ جىيا ئىسىملىكى بىر خىتاي ئەر شاڭخەيدىكى بىر ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ، 6 ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

تولۇق بەت