خىتايدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل تور بەتلەر «قانۇنسىز» دېگەن سەۋەب بىلەن تاقالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىستانسىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 17 تور بەتنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تور بەتلەر ئىچىدە خىتايدىكى تونۇلغان مۇستەقىل ئىقتىسادشۇناس ماۋ يۈشىنىڭ «تىيەنزى ئىقتىساد ئىنستىتۇتى» تور بېتى ۋە ئۇنىڭغا يانداق بىر قانچە تور بەتلەر بار ئىكەن. دائىرىلەر يەنە ماۋ يۈشىنىڭ ۋېيبو تورىدىكى شەخسى ئۇچۇر ھېسابىنىمۇ تاقىۋەتكەن.

ئۇ، خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تېخى يېقىندا خىتايدا كۈچىيىۋاتقان ماۋچى ھەرىكەتنى ۋە ماۋ زېدۇڭچىلارنى تەنقىد قىلىپ ماقالە يازغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يۇقىرىدا تاقالغان تور بەت ۋە شەخسى ھېسابلارنىڭ «رەسمىي رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا يالغان، ساختا خەۋەر» لەرنى تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر ماۋ يۈشىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تور بېتى قانۇنسىز بولغانلىقى ئۈچۈن تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئىستانسىمىز مۇخبىرى ماۋ يۈشىنىڭ تور بېتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، تېلېفونغا چىققان خادىم سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم يەنە بېيجىڭدىكى ۋاڭ جيەنسۇڭ قاتارلىق بىر قانچە مۇستەقىل ئاكادېمىكلارنىڭمۇ ئۈندىدار ھېسابلىرى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لېبىرال ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتى، دېگەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئاكتىۋىست ۋۇ زولەي رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان زىيالىيلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەرىكىتىنىمۇ يۇقىرىدىكى ماۋچىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت