ۋۇخەندىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە يېڭىدىن بايقالغان تاجسىمان يۇقۇملۇق ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاينى ساراسىمىگە سېلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تارقىلىپ يېڭى بىر مەيدان دۇنياۋى ئاپەتتىن بېشارەت بەرمەكتىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار كۈنى مەخسۇس يوليورۇق بېرىپ «يېڭىدىن بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى خىزمەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈش» نى تەكىتلىگەن.

«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ھازىر خىتايدىكى باشقا شەھەرلەرگە تارقىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئالتىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ۋىرۇسنىڭ ھازىر ئاللىقاچان تەيۋەن، جەنۇبىي كورېيە، تايلاند ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ بولغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان.

خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى 22-يانۋار كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ ۋۇخەندىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە دۇنياۋى ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قارار ئالماقچى بولۇۋېتىپتۇ. چۈنكى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق بىر قىسىم تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى توغرىسىدا ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 16-يانۋار كۈنىلا ۋۇخەن شەھىرىدە يۇقۇملانغانلار ئاللىقاچان 1700 گە يەتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى «يۇقۇملانغان كىشى 41 نەپەر» دەپ جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى ۋىرۇس ئادەتتە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشى ئارقىلىق تارقىلىدىغان بولۇپ، سارس كېسىلىدىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق قورقۇنچلۇق يۇقۇملۇق كېسەل ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ چارشەنبە (22-يانۋار) دىن باشلاپ چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلماقچى ئىكەن.

21-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى كىشى ۋاشىنگتون شتاتىدا بايقالغان. ئەمما بۇ كىشىنىڭ خىتايغا بېرىپ يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى ياكى باشقا جايدىن بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئايرودروملىرىدا خىتايدىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېنىقلاش باشلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت