27-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچى سانى 10 نەپەرگە يەتتى

2020-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-يانۋار كۈنى سائەت 24 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان كىشىدىن يەنە 5 نەپىرى كۆپەيگەن. بۇ 5 بىمار ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا ۋە بىڭتۇەننىڭ 7-ۋە 8-كورپۇسلىرىدا بايقالغان.

نەتىجىدە، 27-يانۋار كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى سانى 10 نەپەرگە، كۆزىتىلىۋاتقان كىشى سانى 195 نەپەرگە يەتكەن.

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي مىقياسىدىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك سانى 1771 نەپەر بولۇپ، يېڭىدىن ئۆلگەن كىشى سانى26 نەپەر.

بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئومۇمىي كىشى سانى 4515 نەپەرگە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار 976 نەپەرگە يەتكەن. 106 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئومۇمىي كۆزىتىلىۋاتقان كىشى سانى 44 مىڭ 132ئادەمگە يەتكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم يوليورۇق چىقىرىپ، «يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 25-يانۋاردىن ئېتىبارەن رايوندا «جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھە» تەدبىرىنى يولغا قويغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار قاتناشتىن ۋاقتىنچە توختىغان، قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرىمۇ قاتناشتىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى نۆۋەتتە ئاھالىلەرنى ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە ماسلىشىشىغا چاقىرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت