ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە «ئۆسەك سۆز» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەندى

2020-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە «ئۆسەك سۆز» تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 27-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنى «26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەر تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى شۇ كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە «ھەرقايسى جايلاردا توپلىشىپ يېمەك يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاشخانىلار ۋاقىتلىق تاقالدى»، «ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى، تاكسىلار توختىتىلدى»، «ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر ئۈرۈمچىدە 14 كۈن مۇددەت بويىچە كارانتىنغا ئېلىنىدۇ» دېگەنلەرنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

بىراق «خىتاي خەۋەرلەر تورى؟» مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ يالغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ھەممە ئورۇنلارنىڭ نورمال خىزمەت بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاشخانىلارنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، ئاپتوبۇسلارنىڭ نورمال قاتناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2017-يىلىدىن بېرى شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئۈرۈمچى ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىنى «ئىنتېرنېت تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، شۇنداقلا پىتنە-پاسات، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، ئۈن-سىن، يېزىق ۋە سۈرەت ھۆججەتلىرىنى تەرغىب قىلىش، ساقلاش ھەمدە تارقىتىش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغانىدى. بىراق ئۇنىڭ بۈگۈن خىتاي خەۋەرلەر تورى تەرىپىدىن ئۆسەك سۆز تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

يۇقىرىدىكى ئەھۋال، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا ئائىت ئەمەلىيەتنى خىتاي ۋە دۇنيادىكى جامائەتچىلىكتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت