خىتايدا يىلىغا 100 مىليون ئادەمنى تويدۇرغىلى بولىدىغان يېمەكلىك ئىسراپ قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا 135 مىليون ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ھادىسىسىگە يولۇقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا يىلىغا 100 مىليون ئادەمنى تويدۇرغىلى بولىدىغان ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىسراپ قىلىنىپ تاشلىۋېتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

«يېمەكلىك كۆزەتچىسى» ناملىق تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاۋسترالىيەگە جايلاشقان «كەلگۈسى يۆلىنىشلەر خەلقئارالىق تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ «دۇنياۋى سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك كرىزىسى تەتقىقات پروگراممىسى» بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا يىلىغا تاشلىۋېتىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك 35 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارنىڭ 6 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىكەن. 

خەۋەردە تەتقىقات پروگراممىسى مۇدىرى مەرۋين پىيەسسەنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، خىتايدا ئىسراپ قىلىنىپ تاشلىۋېتىلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىسراپ قىلىش سالمىقى ئازايتىلسا، خىتايدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىقىنى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسراپچىلىق ھوسۇل يىغىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، بازارغا سېلىش، پارچە سېتىش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل كۆلەمدە ئورتاق سادىر بولىدىكەن. 

پىيەسسەنىڭ قارىشىچە، ئىسراپ بولۇپ تاشلىنىپ كېتىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ 19 پىرسەنتىنى خىتايدىكى رېستورانلار ئىسراپ قىلغان يېمەكلەر ئىگىلەيدىكەن. 

ئۇ، خىتايدا يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزم بەرپا قىلىنىشى لازىملىقىنى تىلغان ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەككە بولغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. 

ئۇ، خىتايدا ئىسراپ قىلىنىپ تاشلىنىپ كېتىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەككە بولغان مەدەنىيەت پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى، ئىسراپچىلىقنىڭ خىتايلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردا ئاز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايدا نۆۋەتتە 135 مىليون ئادەمنىڭ قورسىقى تويمايدىكەن. شۇڭا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىسراپچىلىق ھادىسىسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنسە، بۇ، خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن. 

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» بۇ يىل مايدىكى بىر پارچە خەۋىرىدە خىتايدا يىلىغا 40 مىليون توننا يېمەك-ئىچمەك ئەخلىتى چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

تولۇق بەت