ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى 6-ئىيۇل كۈنى ئىشقا كىرىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى چېگرا بېجى 6-ئىيۇل كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادىغا زىيان سالغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئەركىن تىجارەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كارخانىلىرى ئارقىلىق خەلقئارا تىجارەتتە ئادىل بولمىغان رىقابەت ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي شېركەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئەركىن تىجارەت قائىدىلىرى بويىچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلىرىگە مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل شېركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئوخشاش ساھەلەرگە كىرىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقى، چەتئەل شېركەتلىرىنى تېخنىكىلىرىنى خىتاي بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جۈمە كۈنى ئىشقا كىرىشىدىغان 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى جازا تەدبىرلىرى خىتايغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ دەسلەپكى بىر قىسمى ئىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئالسا ياكى چەتئەل شېركەتلىرىنى ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى خىتاي بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇرلاشنى داۋام قىلسا، خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرلىرىنى 450 مىليارد دوللارغا قەدەر ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۇ ھەقتە ئۇزۇن-ئۇزۇن گەپ قىلىپ، «خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمەيدۇ. خىتاي ئۇرۇش باشلىغان بىرىنچى كىشى بولۇشنى خالىمايدۇ، بىراق بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىز زىيانغا ئۇچرىغانىكەن، بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز،» دېگەن. 

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسى ۋە باشقا ساھەلەردە ئاللىقاچان زىيان كۆرۈلگەن. خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسىي پاي چەك بازىرى كۆرسەتكۈچىمۇ ئۆتكەن ئايدىن بېرى 12 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكاغا ئالدىراپ «ھۈرپىيىپ» قويۇپ، ئەمدى ئىشنى قانداق يىغىشتۇرۇشىنى بىلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت