ياۋروپادىكى سىياسىيونلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كونسېرىۋاتىپ ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى ياۋروپا كومىسسىيەسىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان ماسكا تارقاتقان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننا فۇتىگانىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار مەكتۇپىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار خىئاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئاننا فۇتىگا 16-ئىيۇل «يېڭى ياۋروپا» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى جازالاش ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ: «مەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى ياۋروپا كومىسسىيەسىگە يېزىلغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىدلەشكە، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردىم. بىز ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ ئامېرىكا بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ماقۇللىغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى›نى ئۈلگە ئېلىپ، خىتايغا قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

كوسېرىۋاتىپ ئىسالاھاتچىلار پارتىيەسىنىڭ مەكتۇبىغا قانچە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئاننا فۇتىگانىڭ «يېڭى ياۋروپا» تورىدىكى ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ: «ئەگەر بىز جىم تۇرۇۋېلىپ ھېچ ئىش قىلمىساق، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېلىنمايمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت