ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس: «كىشىلىك ھوقۇق خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق قورال بولۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدىن بىرى بولغان «ئامېرىكا شىركىتى» نىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى بىلۇمېنتال، جون خوپكىنس ئونۋېسىتىدا 30 مارت كۈنى ئېچىلغان بىر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئەڭ چوڭ قورالىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتايدا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى دانېئىل بىلۇمېنتال بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابىتىنىڭ يالغۇز ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە چەكلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەڭ زالىمانە سىياسەتتۇر، ئەمما بۇ ئەھۋالنى بىلىدىغانلار بەكلا ئاز.»

«بۈيۈك ئېرا» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تەتقىقاتچى دانىيال بىلۇمېنتال ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئېچىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيە يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينى تىزگىنلەش كېرەكلىكى، ئۇنى داۋاملىق پاسسىپ ھالەتتە قالدۇرۇش، ھەرگىزمۇ ھۇجۇم ھالىتىگە كەلتۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە «خىتايغا قىلىشىمىز كېرەك بولغان ۋە قىلغان چېغىمىزدا ئۈنۈم بەرگەن يول دەل خىتاينى قورقۇتۇشتۇر،» دېگەن. ئۇ يەنە شىمالىي كورېيەنى گەپكە كىرگۈزۈشنىڭ ئالدىدا خىتاينى شىمالىي كورېيەگە ياردەم قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇش لازىملىقىنى تىلغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت