خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تەھرىرلىرىدىن خۇ شىجىن 3-دېكابىر كۈنى «ھۆكۈمىتىمىز دىپلوماتىيە پاسپورتى بار بارلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭغا بېرىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېدى.

2-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنى خوڭكوڭ سەپىرىدىن چەكلىگەن ھەمدە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا جازا قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى كەسكىن ئەيىبلەنگەنىدى.

تولۇق بەت