20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيەلەنمەكچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ، «ئەۋزەل مائارىپ» بىلەن تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنگلىزچە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر 20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ 9880 نەپىرى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا، 3 مىڭ 300 نەپىرى كەسپىي مەكتەپلەردە، 8 مىڭ 600 نەپىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىكەن.

ئەمما خەۋەردە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىنىدىغان مەزكۇر ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي نىسبىتى ئېنىق ئېيتىلمىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامەلۇم. ۋەھالەنكى، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر رايون ئاھالىسىنىڭ 1950-يىللاردا 74% نى تەشكىل قىلغان ۋە ھازىرمۇ ئازغىنا كەم يېرىمىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭدىكى 47 ئاز سانلىق مىللەت»نىڭ بىرى دەپ ئاتىماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»دا جەمئىي 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جەنۇبىي ۋىلايەتلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنداق ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى كۆپلەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ تەربىيەلىشىنى «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت