خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارغا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يەنىمۇ كۆپەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»غا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بۇ يىل يەنىمۇ كۆپەيتىپ، 9122 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ يىل ئۆتكەن يىلقىدىن ئاز كەم 800 نەپەر ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2000‏-يىلى ئاچقان تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»غا مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇ سان 13 يىلدا ئاز كەم 10 مىڭغا يېتىپ باردى. بۇ يىللىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرلىكتىن بولۇپ، بىڭتۇەندىن پەقەت 330 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىپ ئوقۇغۇچى سانىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. بۇ زىيالىيلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 38 مىڭ ئوقۇغۇچى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى»غا ئىلتىماس قىلغان. «شىنجاڭ سىنىپى» ئېچىلغان 2000‏-يىلدىن ھازىرغىچە، جەمئىي 60 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت