ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتايچە يوسۇندا چاغاننى تەبرىكلىشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى بۇ جەھەتتىكى بەزى ھۆكۈملەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋە كادىرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمىنى خىتايچە شەكىلدە تەبرىكلەشكە تەشكىللىنىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تەيىنلەپ بېرىلگەن خىتاي «تۇغقان» لىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ چاغاننىڭ تەييارلىقىنى قولمۇ-قول پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدەك بىرلىكتە خىتايچە مەسنەۋى ۋە پانۇسلار تەييارلاپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورى 28-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت سارىيىدا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى قەغەز قىيىش ئارقىلىق چاغانلىق تەبرىكلەرنى ئىپادىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاممىسى قىزىل قەغەزدىن قىيىلغان چوشقىنىڭ تەسۋىرىنى كۆتۈرگىنىچە خىتاي دېھقانلار كالېندارىدىكى يېڭى يىلنى قۇتلۇقلىغان. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باي ناھىيەسىنىڭ سايرام يېزىسىدىكى دېھقانلار چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئەجدىھا ۋە شىر ئوينىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «ئەزەلدىن چاغان ئۆتكۈزمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى خىتايچە شەكىلدە چاغاننى تەبرىكلەشكە قىستاش ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي بولۇشقا قىستاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت