قۇربان نىياز «قۇربان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى» قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز بىرنەچچە يىلدىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئائىت تەشۋىقاتلارنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دا تارقىتىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈلگىسى دەپ مەدھىيەلىنىۋاتقان قۇربان نىياز يېقىندا «قۇربان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى» دەيدىغان بىر مەركەز ئاچقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇربان نىياز بۇ مەركەزنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بازىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «مەن بالىلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش جەريانىدا بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دېگەن بىزنىڭ يىلتىزىمىز. شۇڭا مەن بۇ مەركەزنى قۇرۇپ يېزىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقىقىغىچە ھەممە كىشىگە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يەتكۈزۈشنى ئويلىدىم» دېگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئۆزى باش بولۇۋاتقان «دۆلەت تىلى مەكتىپى» دە ئۇيغۇر بالىلىرىنى قەدىمكى خىتاي پوسۇنىدا كىيىندۈرگەن ئىدى. قۇربان نىياز مەدھىيەلەنگەن «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دىكى يەنە بىر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قۇربان نىياز يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ «كوڭزىغا چوقۇنۇش»، «خىتايچە كىيىنىش»، «خىتايچە باھار بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى ئۆتكۈزۈش» نى تەرغىب قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سىياسىي پۇرسەتچى» قۇربان نىيازغا ئوخشاش نەمۇنىچىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ خىتايچە ياشاش، خىتايچە تىلدا سۆزلىشىش ۋە خىتاي تىلىدا ئوقۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە بويسۇندۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى مىڭلىغان سەرخىللىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقاندا ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا شەخسىي خىراجىتى بىلەن «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتايدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىللىگەن «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ قىرىق يىللىق مۇساپىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 نەمۇنىچى» بولۇپ باھالانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت