زېمىستان تورى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل مېڭە يۇيۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەركىزى ئىتالىيەدىكى «زېمىستان» تورى 1-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى تېخنىكوم ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ سۆھبەت خاتىرىلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار بىردەك بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېستىمىلىق ھالدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كومپارتىيە ئىدىيەسى ۋە دۆلەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكتىن ئىبارەت تەربىيەلەشلەردىن ئۆتكۈزۈلۈدىغانلىقىنى ئېيتقان. كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى بولسا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قايتۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ساقچىخانىلاردا، يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ۋە قوش تىل مەكتەپلىرىدە خىزمەتكە چۈشۈپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئوقۇتقۇچىلىرىغا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى «ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش بىر سىياسىي بۇرچ» دەپ تەكىتلەپ تۇرۇدىكەن. 

«زېمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنە ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا چوشقا گۆشى يىيىشتىن دېرەك بېرىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى» يىيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى «بۇ دېگەن ھازىرقى ئومۇمىي يۈزلىنىش، كومپارتىيەنىڭ ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىشتىكى مەقسىتى ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت