ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قەدىمكى خىتاي كلاسسىك تېكىستلىرىنى يادلاشقا مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قەدىمكى خىتاي كلاسسىك تېكىستلىرىنى يادلاش ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ پىلانى بويىچە بۇ يىل ئىچىدە بۇ ھەرىكەتكە 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017‏-يىلى 8‏-ئايدىن باشلاپ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن. پۈتۈن دەرسلىكلەر خىتايچىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قەدىمكى خىتاي كلاسسىك تېكىستلىرى مەجبۇرىي يوسۇندا ئوقۇتۇلۇشقا باشلىغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەدىمكى خىتاي كلاسسىك تېكىستلىرىنى يادلاش ھەرىكىتى 23‏-ئاپرېل ئۈرۈمچى ئېكولوگىيە باغچىسىدا باشلانغان. شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە 100 دەك ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىكى مۇتەپەككۇرى لاۋزىنىڭ داۋ تەرىقىتىگە دائىر كلاسسىك تېكىستلىرىنى يادلىغان

مەزكۇر خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قەدىمكى خىتاي كلاسسىك تېكىستلىرىنى ئۆگىتىشنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى ئاچىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بەزى پسىخولوگلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.

پسىخولوگلار، «ئۆسمۈرلەرگە يات تىلدىكى بۇ خىل ئېغىر تېكىستلەرنى مەجبۇرىي يادلىتىش ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى بۇزىدۇ،» دەپ قارىسا، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇلارنى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەگە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت