خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتايلاشتۇرۇش» نى ئاشكارا تەرغىب قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا يىللاردىن بۇيان مەجبۇرىي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى» پائالىيىتى بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن ئىشلەپ چىقىلغان لايىھە بويىچە ئۆتكۈزۈلمەكچىكەن. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ پائالىيەت ئاقسۇ رايونىدا  «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش» دېگەن شوئار ئاستىدا مەخسۇس خىزمەت لايىھىسى بىلەن باشلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەت لايىھەسىدە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» تىن باشقا  «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، خىتاي دۆلىتىنى، خىتاي مىللىتىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنى ۋە خىتاي سوتسىيالىزمىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتەك «بەش قاراش» نى تىكلەشنىڭ بۇ پائالىيەتتىكى مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك «ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن.

بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن «بۇنىڭدا ھېچقانداق ئىتتىپاقلىق مەزمۇنى يوق. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارىلا خىتايلىشىشقا مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىشتى.

تۈرلۈك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە ئۆي جابدۇقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش› تەك كونا نەيرىڭى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىتتىپاقلىق تەشۋىقاتى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت