ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنى خىتايچە ئۆتۈش ھەققىدە رەسمىي ھۆججەت چىقىرىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى ھەپتە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقىرىپ تارقاتقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججىتى رەسمىي دەلىللەنگەن ئىدى.

خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بۇ قارارى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چىقىرىپ تارقاتقان بىر قىزىل باشلىق رەسمىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر ھۆججەتكە «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» دەپ نام بېرىلگەن.

ھۆججەتنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەر ‹دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى› دا، يەنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدۇ، دېيىلگەن. ھۆججەتتە يەنە مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتۈلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى تىلدا ئۆتۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ۋاقتىنچە شارائىتى ھازىرلانمىغان رايونلىرىدا مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 12-ۋە 13-نومۇرلۇق ھۆججىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ رەسمىي قىزىل باشلىق ھۆججەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە، خىتاي بۇ ھۆججەت ئارقىلىق ئۆزى تۈزگەن «ئاساسىي قانۇن» ۋە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى يەرلىك مىللەتلەرگە بەرگەن ئاتالمىش «ھەق-ھوقۇقلىرى» نى ئۆزى ئىنكار قىلدى، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت