ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يوسۇندا جوڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزدى

2019-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل 13-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولغان جوڭچيۇ بايرىمى (تاۋۇز چاغىنى) بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە بۇ خىتاي بايرىمىنى قۇتلاشقا مەجبۇرلاندى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى خىتايلار، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ خىتاي «تۇغقان» لىرى بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ بۇ بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى «جوڭچيۇ كېچىسى» پانۇس سەيلىسىگە تەشكىللەنگەن بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «جوڭچيۇ بايرىمىدا جۇڭخۇانىڭ كلاسسىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى» گە قاتناشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە چەك قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايراملىرىنى قۇتلاشقا تەشكىللەش ھەققىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قاھار بارات «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 70 يىل جەريانىدا ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ كەلگەن نىشانلارنىڭ بىرى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت