خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا بالىلىرىنىڭ خىتاي جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشىگە 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسۇ ئاخبارات تورى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەشتە باشچى بولۇپ خىتاينىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن قۇربان نىيازنىڭ بۇ يىلمۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەققىدە تارقاتقان بىر خەۋىرىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا بالىلىرىغا خىتايچە مەدەنىيەت سىڭدۈرۈشكە 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«2003-يىلى، قۇربان نىياز 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ غەملەپ، يۇرتى  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغان. 17 يىلدىن بۇيان، ئۇ مائارىپ ئارقىلىق يۇرتىنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن، بۇ مەكتەپتىكى بالىلارمۇ دۆلەت ئورتاق تىل  يېزىقىنى پىششىق ئىگىلەپ ھەم جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت مەدەنىيىتى بۇ يېزا  كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە ئايلاندى. دۆلەت 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان سىنىپلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى رەسىملەرنى ئاستى. ‹خۇا مۇلەن›، ‹خۇڭدېڭجى›، ‹شاجياباڭ›. . . قاتارلىق خېنەن تىياتىرى، بېيجىڭ تىياتىرىنىڭ كىلاسسىك بۆلەكلىرىنى ھەممە ئوقۇغۇچى ئېيتالايدىغان بولدى».

خەۋەردە يەنە قۇربان نىيازنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۇپ تۇرۇپ «ئۆگىنىشنى چوقۇم بالىلاردىن باشلاپ تۇتىشىمىز كېرەك، كىچىك ۋاقتىدا كاللىسىدا ساقلىۋالغان نەرسىلەر بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن بالىلارنىڭ كاللىسى ئەڭ ساپ ۋاقتىدا ساپ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغۇزدۇم، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك» دېگەنلەر بايان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇ ئاخبارات تورى ئېلان قىلغان يەنە بىر خەۋەردىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يېقىندا «جېجياڭ  ئاقسۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش» قۇرۇلۇشى دەيدىغان بىر ھەرىكەت باشلىغانىكەن. خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنۇلار دېىيىلگەن: «مەن جېجياڭ، شىنجاڭنى سۆيىمەن تېمىسىدىكى بۇ قۇرۇلۇش مەركەزنىڭ 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ». بۇنىڭدا ئاقسۇ بىلەن جېجياڭنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يەنى گۈزەل سەنئەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كۇتۇپخانا، ئويۇن قويۇش، مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى 10 ئورۇن ھەمكارلىشىشى، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى قارار قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاممىسىغا قارىتا خىتاي تىلى ئۆگىتىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش، ھەتتا چاغان قاتارلىق خىتاي مىللىي بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش، خىتايچە كىيىنىش، ئۆيلىرىگە خىتايچە مەسنەۋىلەرنى ئېسىش ۋە باشقىلار كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئاقسۇدىكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەھەتتە ئەڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت