خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «زامانىۋىلىق» دېگەن نامدا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈر ناھىيەسىدە «گۈزەل ۋە يېڭىچە ئاياللار كىيىم-كېچەك مودېلى» ناملىق بىر مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە 200 دىن ئارتۇق ئايال قاتناشتۇرۇلغان. مۇسابىقىگە ئائىت تارقىتىلغان سۈرەتلەردە دىققەت تارتقىنى شۇكى، ئاتالمىش «يېڭىچە كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسى» دە سەھنىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلارنىڭ «چىپاۋ» كۆينىكىنى كىيىپ، قوللىرىدا يەلپۈگۈچ كۆتۈرگەن ھالدا مودېللىق قىلىپ مېڭىۋاتقان سۈرەتلىرى ئاساسلىق سۈرەت قىلىپ ئىشلىتىلگەن. مودېللىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قىسقا چاچ بولۇشىمۇ دىققەت قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى يولغا قويغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ياسىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. مەھەللە كادىرلىرى ھەتتا كوچىلارغا چىقىپ «يوپكا كېسىش» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى «دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، شىنجاڭغا خاس سالاپەتلىك، جەلپكار يېڭى دەۋر ئاياللىرىنى يېتىشتۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكادىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇس يېقىندا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىسىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلىنى ۋە گۈزەللىك قارىشىنى نورمالسىز قىلىپ كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۇنۇلغان ياسىنىش ۋە كىيىنىش ئۇسۇلىنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق رايوندا ئىشغال قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ بەدەن گۈزەللىكى ۋە تەپەككۇرىغا ھاكىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت