خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، 14-نويابىر كۈنى توقسۇ ناھىيەسىدە خەن، تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتى جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتكە ئۇيغۇر، خىتاي، شېۋە، موڭغۇل بولۇپ، 52 ئادەم ئەزا بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ جەمئىيەت خىتاينىڭ خەن، تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تۇتقىلى بولىدىغان، كۆرگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت قىلىپ كۆرسىتىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئۇنى چۈشىنىشكە ۋە ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن؛ باشقا مىللەتلەر بۇ مەدەنىيەتنىڭ «سېھرى كۈچى» نى ھېس قىلسا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت ئېڭى» نى شەكىللەندۈرەلەيدىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا خىلمۇ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى نىشان قىلسا، بىر ياقتىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نامى ئاستىدىكى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتىكەن.