دونالد ترامپنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى خىتاينى خىتايچە ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مەسلىھەتچىسى بولغان مەت پاتتىنجىر خىتايدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق «4-ماي ياشلار بايرىمى» كۈنىدە راۋان خىتاي تىلىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان دېموكراتىيە تەلەپلىرىنى بوغۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور مۇھاكىمىسىدە ئۇ بۇنىڭدىن 101 يىل ئىلگىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ۋېېرسال سۈلھى يىغىنى» نىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەڭسىز شەرتنامىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز شەرتنامىگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ تېلېۋىزىيە نۇتقىدا «زامانىۋى خىتاي قۇرۇپ چىقىش روھىدىن ئىلھاملانغان بۇ قەھرىمانلار دېموكراتىك ئىدىيەلەردىن ئوزۇق ئالغان ئىنسانلار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ‹4-ماي ھەرىكىتى›نىڭ روھى قەيەردە؟» دەيدۇ. شۇنداقلا خىتاي دوختۇرلاردىن لى ۋېنلياڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ دەل ئاشۇ خىلدىكى قەھرىمانلىق روھى بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن «ئاۋازى جىمىقتۇرۇلغان» لىقنى تەكىتلەپ، مۇشۇنىڭغا ‍ئوخشاش كۆپلىگەن ھەق سۆزلۈك ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن رېن جىچياڭ، شۈ جىيوڭ، ئىلھام توختى قاتارلىقلارنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، ھەقىقەتنى خەۋەر قىلىۋاتقان 13 نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتىيە ساھەسىدە بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى «4-ماي ھەرىكىتى» چىلىكمۇ بولالمىغانلىقىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىگە شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتچىلىكمۇ ئېتىبار بېرەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «دېمىسىمۇ ‹4-ماي ھەرىكىتى›دىن كېيىن خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھېچقانچە ئالغا ئىلگىرىلەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگىنى يوق» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت