خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئالدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينى دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئانا تىل ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىپ، «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارشى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى قەستەن قۇسۇر ئىزدەش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرنىڭ مۇقىم ۋە بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىدىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەن ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكىغا قارىشى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى نۇقسانلارنى تېپىپ چىقىشقا، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق تېخىمۇ زورىيىپ، ئۆي-ماكانسىز كىشىلەرنىڭ سانى ئۆرلىگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ سەھىيە-سۇغۇرتا خىزمەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

ئەمما دوكلاتتا، ئامېرىكىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى ھېسابلىنىدىغان پىكىر، دىن تىل-يېزىق، ئۇچۇر-ئالاقە، سايلاش-سايلىنىش، تەشكىللىنىش-نامايىش قىلىش قاتارلىق ئەركىنلىكلەرنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت