خەلقئارا مالىيە فوندى خىتاينىڭ قەرزنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىققا زىيانلىقلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا مالىيە فوندى يەنى IMF تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خەلقئارا مالىيە فوندى خىتاينىڭ مالىيە سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتايدا شەخسلەر ئالغان قەرزنىڭ كېيىنكى 5 يىل جەريانىدا خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مالىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بەزىبىر تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بۇ كرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ قاراشقا بولمايدىكەن. مالىيە فوندى خىتاينىڭ مالىيە سىستېمىسىنىڭ بارغانسېرى قالايمىقانلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگۈسى بىر مالىيە كرىزىسىگە ئاساس سالماقتا، دېگەن. خەلقئارا مالىيە فوندى خىتايدا ئەگەر بۇنداق كرىزىس يۈز بەرگەن تەقدىردە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى بۇ جەھەتتە بالدۇرراق تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. 

مالىيە فوندى يەنە خىتاينىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىن زورىيىشقىلا چىڭ ئېسىلىۋالماسلىقىنى، ئۇنداق بولغاندا بۇ خىتايدا كۆپلەپ قەرز ئېلىشنى ۋە نەتىجىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساغلام بىر تەرەققىياتنىڭ بەكرەك مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت