خوڭكوڭدىكى داڭلىق باي شاۋ جيەنخۇا باياناتىدا ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-يانۋار كۈنى خىتايدىكى داڭلىق باي شاۋ جيەنخۇا خىتاي ساقچىلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 10 نەچچە كىشى تەرىپىدىن خوڭكوڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە، شاۋ جيەنخۇانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى تەنقىدلىگەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما 31-يانۋار ئەتىگەن شاۋ جيەنخۇانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مىڭتيەن ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئۈندىدار تورىدا ئۇنىڭ ئىمزاسىدا «جەمئىيەتنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت. مەن ھازىر چەتئەلدە داۋالىنىۋاتىمەن، ھازىرچە ئەھۋالىم ياخشى. مىڭتيەن شىركىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى نورمال كېتىۋاتىدۇ!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان بايانات ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىنكار قىلىنغان.

30-يانۋار شاۋ جيەنخۇانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى 30-يانۋار تۈن نىسپىدە دەسلەپ بايانات بېرىپ، ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى ئائىلىسىدىكىلەر ساقچىلارغا ئۇنىڭ 30-يانۋار بىر بۆلۈم كىشىلەر تەرىپىدىن چوڭ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساقچىغا قايتا تېلېفون قىلىپ، شاۋ جيەنخۇانىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتە ئەھۋالنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن شاۋ جيەنخۇا،كانادا پۇقراسى بولۇپ، 89-يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتى مەزگىلىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا سۈلھ قىلىشقا قاتناشقان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سودا ئىشلىرىغا كىرىشىپ، خىتاينىڭ كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىدا مەنپەئەتدارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. شەخسى بايلىقى نەچچە يۈز مىليارد خەلق پۇلىدىن ئېشىپ، خىتايدا ئالدىنقى قاتاردىكى بايلار قاتارىغا ئۆتكەن. ئۇچۇرلاردا يەنە ئۇنىڭ، يېقىنقى يىللاردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى گۇرۇھتىكى ئەمەلدارلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت