خوڭكوڭدىكى نامايىشتا كۆرۈلگەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان دېموكراتىيە نامايىشى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلار ئارقىلىق نامايىشچى ئاممىغا زوراۋانلىق قىلىشى دۇنيادىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مېشېل بەچېلوت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق «خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئىشلەتكەن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، ساقچى كالتىكى، رېزىنكە ئوق ۋە باشقا قوراللار خەلقئارالىق قائىدىلەر بويىچە مەنئى قىلىنغان نەرسىلەردۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئامما خوڭكوڭ ئايرودرومىنىڭ كۈتۈش زالىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن يۈز نەچچە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كېيىنچە بۇ ھال پۈتكۈل ئايرودرومنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. «خەلقئارا سودا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە توپلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. خىتاي ئاخباراتىدا بولسا ھەربىيلەرنىڭ ۋە برونېۋىكلارنىڭ توپلىنىشىنى «مانېۋىر ئېھتىياجى ئۈچۈن» دەپ چۈشەندۈرگەن.

خوڭكوڭدىكى نامايىشتا ساقچىلارنىڭ كۆپلەپ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشى ھەمدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان شېنجېنغا توپلىنىشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەبچى بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەرگە سورۇن ھازىرلىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت