خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق نامايىش قىلىش-قىلماسلىقنى بىلەت تاشلاپ قارار قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى ئومۇم خەلق بىلەت تاشلاپ، داۋاملىق كوچا نامايىشى قىلىش ياكى نامايىشنى توختىتىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرغان 3 ئاساسلىق گۇرۇھ پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئاساسلىق نامايىش مەيدانىدا خەلقنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەم بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە دوكلات يوللاپ، نامايىشچىلارنىڭ خوڭكوڭ رەھبەرلىك سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن 1200 كىشىلىك كومىتېت تالاش پىلانىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشكە قوشۇلغان ئىدى.

خوڭكوڭدىكى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان 3 ئاساسلىق گۇرۇھنىڭ بىرى- خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خوڭكوڭ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يەكشەنبە كۈنى خەلقنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

سابىق خوڭكوڭ ۋالىسى دوڭ جيەنخۇا جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىشكە چاقىرغان. نامايىشچىلار 2017‏-يىلى خوڭكوڭ ۋالىسىنى ئەركىن سايلام ئارقىلىق سايلاشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نامزاتلارنى كونترول قىلىشىغا قارشى تۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت