خوتەن بىلەن چوڭچىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى قاتنىشى يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىنى خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرى بىلەن تۆمۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىككى رايون يەنە ھاۋا يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 2‏-ئىيۇلدىن باشلاپ، خوتەن-چوڭچىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتنايدىكەن. ئەگەر نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلانسا، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن قاتارلىق يۇرتلار خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەرگە ھاۋا، تۆمۈر يول ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 22 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 825 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە خوتەن ۋە چاقىلىق ناھىيىسى كورلا-گولمۇت تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھاۋا يولى قاتنىشى خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رايون خىتاينىڭ غەربىي-جەنۇبى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلسا، بۇ، مەزكۇر رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى، مۇھىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق تەسىر قىلىدىكەن. 

بۇ ھاۋا يولىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنى يولغا قويغان بىر مەزگىلدە ئېچىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاينىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان بۇ ھەرىكىتىدە خوتەن ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى كۆپلەپ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىپ، كۆچمەن يۆتكەيدىغان ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. 

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چوڭچىڭ-خوتەن ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئومۇمى ئۇچۇش مۇساپىسى 4 سائەت 45 مىنۇت بولۇپ، ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ 2، 4 ۋە 6 ‏-كۈنلىرى قاتنايدىكەن. بېلەت باھاسىمۇ تۆۋەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت