خوتەن سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى گۆرۈگە تۇتۇۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

9-مارت سەھەردە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسىغا قاراشلىق سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە تۇتۇۋېلىنغان. نۆۋەتتە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى مەزكۇر ناھىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىمىن مەمتىمىننىڭ ئىز-دېرىكىنى ۋە گۆرۈگە ئالغۇچىلارنى ئىزدىمەكتىكەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىق مۇدىرىنى گۆرۈگە ئېلىشتىكى مۇددىئاسى ھەققە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەھۋالدىن خەۋەردار مەنبەلەر ئامانلىق خادىمىنى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ «پىدائىيلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمىن مەمتىمىن بەك ئاكتىپ بولغاچقا، ئۇ يېقىندا كەنت ئامانلىق مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. يەرلىك دائىرىلەر يەنە، 9‏-مارت تاڭ سەھەردە يۈزى نىقابلىق 4 كىشى ئىمىن مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق دىنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇرلىغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان يەرلىك ئاكتىپلارغا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان ئەمەلدار ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت