28-ئىيۇن كۈنى خوتەن خانئېرىق بازىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا 28-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن كېيىن جۈمەدىن يانغان ياشلار بىلەن ئۇلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم يارىلانغان.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 28-ئىيۇن كۈنى چۈشتە خوتەندە «تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى»يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە يارىلانغانلار سانىنىڭ تېخى ئېنىقلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 28-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن كېيىن جۈمەدىن يانغان موتسىكلىتلىق ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن.

رادىئومىزغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنىمۇ ساقچىلار مەسچىتنى قورشىۋېلىپ، مەسچىتكە كىرگۈچىلەرنى نازارەت قىلىپ، مەسچىتكە جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىكەن. رادىئومىز تۈنۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇردا 23-ئىيۇن كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ،6-7 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئوخشاش بىر كۈندە يەنى 28-ئىيۇن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا قوراللىق ساقچى قىسىم قورۇسىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشكەن بىرەيلەننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۈن دىدار، سىننا بلوگى قاتارلىقلاردا تارقالغان باشقا ئۇچۇرلاردا، 28-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانىدىكى ساقچىخانىدا ساقچىخانىغا بېنزىن قاچىلانغان پوتۇلكا ئېلىپ كىرگەن ئىككىيلەننىڭ بىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقى، پىچاندىن كەلگەن بىرقانچە ياشنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق ساقچى ئەترىتىدىن قورال بۇلىغانلىقى ۋە سۇ ئۈستى باغچىسى ئەتراپىدا ئوق ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالدى.

ئۈرۈمچىدىن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تولۇق قوراللانغان ساقچىلار كۆپىيىپ، كەيپىيات بىردىنلا جىددىيلەشكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەن 28-ئىيۇن كۈنى سانجى-فۇكاڭ يولىدىكى مەلۇم پۇل ئېلىش پونكىتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، پۇل يىغقۇچى خادىم پارتلاپ ئۆلگەن. ئەمما، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بۇ ئەھۋالنى ئېنىق بىلەيدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت