ئۇيغۇر رايونىدا 5 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27‏-ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدە 5 نەپەر خىتاي خرىستىئان مۇرىتى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. لېكىن سوت شۇ كۈنى دېلوغا ھۆكۈم چىقارمىغان. سوتچى ھۆكۈمنىڭ كېيىنرەك ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى خرىستىئان دىنىي گۇرۇھى‏-«خىتاي ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانجى شەھەرلىك سوت 27‏-ئۆكتەبىر ياڭ ياۋسۈن، ۋاڭ لۇلۇ، جېن لەن، ليۇ يەن، چېڭ ياجيې قاتارلىق خرىستىئان مۇرىتلىرىنى «ئادەم توپلاپ، قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ قىلىش، دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىگەن.

بۇ 5 نەپەر خرىستىئان مۇرىتى بۇ يىل 5‏-مارت كۈنى جېن لەن ئىسىملىك مۇرىتنىڭ سانجىدىكى ئۆيىگە يىغىلغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 4‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەھكىمىدە مۇرىتلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مۇرىتلارنىڭ ئادۋوكاتى، سوتنىڭ ئۇلارنى كېسىشكە دەلىلى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا دائىر بەزى يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ئىبادەتنى قاتتىق كونترول قىلغان. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

«خىتاي ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سوت ھۆكۈم ئېلان قىلىپ قالسا، تۇتقۇنلارنىڭ 3 يىلدىن 7 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت