ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلا مىنىستىرى كرىستوفېر ئەشلېي: «خۇئاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر نوقۇل تېخنولوگىيە مەسىلىسى ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 

ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفېر ئەشلېي 11‏-سېنتەبىر كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، خۇئاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ نوقۇل تېخنولوگىيە مەسىلىسى ئەمەسلىكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە گېئو-سىياسىي خىرىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خۇئاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر دۆلەت چى ۋە خەلقئارا بازاردا خۇسۇسىي كارخانىدەك ھەرىكەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ شىركەتلەر ھەقىقىي خۇسۇسىي كارخانىلار ئەمەس ئىكەن. كرىستوفېر ئەشلېي، بۇ شىركەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئىقتىساد ۋە سودىنى كۆزلەپ قارار چىقارمايدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەر بەزىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ قولىدەك ياكى كومپارتىيىگە باغلىق بىر ئورگاندەك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تېخنولوگىيەسىدىكى بۇ «مىللىي چېمپىيونلار» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك جايلاردا خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تېخنولوگىيەلىك قۇلايلىق يارىتىپ بەرمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ تېخنولوگىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، ئېتنىك قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىدا ھالقىلىق رولى بولۇپ، بۇ 2017‏-يىلدىن بېرى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ پارتىيە-دۆلىتىگە ياردەملىشىپ، بۇ ۋاسىلارنى راۋاجلاندۇردى. ئۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ۋاسىلارنى ئۆزىنىڭ خەلقىگە سىناق قىلدى. شۇنداقلا چەتئەل بىلەن بولغان كېلىشىملەر ئارقىلىق بېيجىڭ مەزكۇر ئىستىبدات مودېلىنى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىپ كەلدى. ئېكسپورت قىلىپ كەلدى.» 

كرىستوفېر ئەشلېي بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەت قانۇن لايىھىسى» نى بىردەك ماقۇللىغان كۈنى قىلغان. قانۇن لايىھىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر رايون بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت