«خۇاۋېي» گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «باش رول» ئالغانلىقى تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكاسى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ شىركەت بولغان خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماشتا تېخنىكا جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقى نۆۋەتتە كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» نىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «يالغان خەۋەر» دەپ ئىنكار قىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە 21-ئەسىردىكى دوزاخنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ھازىر تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشكارا بولماقتا. ئەنە شۇ خىل دوزاخلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بولماقتا ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي گۇرۇھى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت مەركىزى «خۇاۋېي گۇرۇھى شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلاردا زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئەمما خۇاۋېي گۇرۇھى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئاپتور مۇشۇ مەسىلىدە مەسخىرىلىك قىلىپ «ئۇنداق بولسا ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىكى ‹خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ ياردىمى بىلەن ج خ نازارىتى ئەقلىي ساقچى سىستېمىسىنى ۋە ئەقلىي، بىخەتەر بولغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىپ چىقتى› دېگەن ئىبارە نەدىن كەلگەن؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنداقلا «بىخەتەر جەمئىيەت» ئاتالغۇسىنىڭ لاگېرغا بارىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە 2018-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سوئال-جاۋاب ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا خۇاۋېينىڭ ۋەكىلى «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورالغاندا «بىز پەقەت ‹بىزنىڭ تېخنىكىمىز بىز پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە قانۇنلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟› دېگەن ئۆلچەم بويىچىلا ئىش قىلىمىز،» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھالبۇكى، خۇاۋېي گۇرۇھى ئاللىقاچان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنى شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش قىلمىشىدىن خەۋەرسىز، دېيىش ئەقىلگە پەقەتلا سىغمايدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى دۆلەتنىڭ ھىمايىسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىنايەتلەرگە شېرىك بولماقتا ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا دەل مۇشۇ خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ G5 تېخنىكاسىنى غەرب دۇنياسىدا بازارغا ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلارنىڭ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ قىزىقتۇرۇشلىرىغا ئالدانمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت